Chinese→Uyghur主要词典
立志社
دۇنيا تارىخى
رىسىششا
(ئىرادىلىكلەرئۇيۇشمىسى) ياپونىيىدە ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى ئاساسلىق سىياسىي تەشكىلات. 1874 -يىلى 4-ئايدا كوچىدا قۇرۇلغان. رەھبەرلىرى ئىتاگاكى تائىسۈكى، كاتائو كا كىنكىچى (1843 - 1903، ئۇيۇشما رەئىسى) قاتارلىقلار، ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى توسا ۋاسساللىقىنىڭ سامۇرايلىرىدىن ئىبارەت. قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلاردا ۋاسساللىقىنىڭ كەمبەغەللىرىنى پائال قۇتقۇزۇپ، خەلق ھوقۇقى ئىدىيىسىنى تىرىشىپ ئومۇملاشتۇرغان. 1875-يىلى، ۋەتنپەرۋەرلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1877-يىلى پارلامېنت تەسىس قىلىش، يەر بېجىنى يەڭگىللىتىش، شەرتنامىلەرگەتۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان تەكلىپنامىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەتەنپەرۋەرلەر ئۇيۇشمىسىنى قايتا قۇرۇش (1878)، پارلامېنت تەسىس قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىش ھەرىكىتىنى (1880) ئۇيۇشتۇرۇش ۋە لىبېرالىستلار پارتىيىسى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئىشلىرىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. ئەمما خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يېيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ لىبېرالىستلار پارتىيىسىنى تارقىتىۋېتىشنى ھەدەپ تەشەببۇس قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنقىلابىي تەلەپلىرىدىن يۈز ئۆرىگەن. 1883-يىلى كاينان نامىنى لىبېرالىستلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن.