Chinese→Uyghur主要词典
狸藻
ئۇنىۋېرسال
li zǎo
ئۇترىكۇلارىيە يۇسۇنى
Dئۆسۈملۈك
li zǎo
قۇندزلېشى
بىئولوگىيە
قۇندۇز لېشى
قۇندۇزلېشى ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق، سۇغا چۆكۈپ ياشايدىغان ھاشاراتخور سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۇپى يۇمشاق، غولى بىرئاز توم، يىپسىمان بولىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئىككى قايتىلانغان، پەيسىمان يېرىلغان، ئۇششاق يوپۇرماقلىرى يىپسىمان بولىدۇ؛ ھاشارات خالتىسى كىچىك پەيسىمان يوپۇرماق ئاستىدا ئۆسىدۇ، تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ. ئومۇمىي گۈل رېتى چوققىدا ئۆسىدۇ، ئورىغۇچى يوپۇرمىقى بىلەن تەڭگىچە يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ. گۈل كاسىسى ئىككىگە يېرىلىدۇ، ئۈستۈنكى ياپراقچىسى كەڭ تۆمۈنە شەكىللىك، ئاستىنقى ياپراقچىسى كەڭ تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ؛ گۈلتاجىنىڭ شەكلى كالپۇكسىمان، رەڭگى سېرىق، غوزا مېۋىسى شارشەكىللىك بولۇپ، سىرتىنى ساقلىنىپ قالغان گۈل كاسىسى ئوراپ تۇرىدۇ. كۈز پەسلىدە گۈل شېخى سۇ يۈزىگە ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇ شەرقىي ئاسىياغا كەڭ تاقرلغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە ئۆسىدۇ. كۆپىنچە سۇ ئاقمايدىغان سازلىق، كۆلچەك ياكى شاللىقتا ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ مورفولوگىيىسى ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان غول - يوپۇرماق ۋە يىلتىزنىڭ پەرقى ئارقىلىق تۈرگە ئايرىش بۇ تۈرگە ماس كەلمەيدۇ. ھاشارات تۇتۇش خالتىسىنىڭ ئاغزىدا پەردىسىمان كلاپان بولىدۇ، سۇدا ياشايدىغان كىچىك ھاشاراتلار خالتىسىنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن پەردىسىمان كلاپان توسۇۋالىدىغانلىقتىن سىرتقا چىقالمايدۇ؛ ھاشارات چىرىگەندىن كېيىن خالتا ئىچىدىكى تۈكچىلەر بىر خىل ئېچىتقۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ قۇرتنى ھەزىم قىلىپ ئوزۇقلۇق قىلىدۇ.