Chinese→Uyghur主要词典
立宪民玫党
دۇنيا تارىخى
ئاساسىي قانۇنلۇق خەلق پارتىيىسى
ياپونىيىدىكى يېقىنقى زامان بۇرژۇئا پارتىيىسى. 1927-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تەكتى ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئۇيۇشمىسى - سىياسىي دوستلار ھەقىقەت پارتىيىسى ئىتتىپاقى (ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم ئۇيۇشمىسى بىلەن سىياسىي دوستلار ھەقىقەت پارتىيىسىدىن تەركىب تاپقان) بولۇپ، ھاماگۇچى ئوساچى رەئىس، ۋاكاتسۇكى رېئىجىرو قتارلىقلار مەسلىھەتچى بولغان. مىتسۇبىشى مالىيە گۇرۇھى بىلەن قويۇپ مۇناسىۋىتى بار. دەسلەپكى دەۋرلەردە سىياسىي دوستلار ئۇيۇشمىسىغا قارىغاندا بۇ پارتىيىدە سەل - پەل شەھەر بۇرژۇئازىيىسىنىڭ لىبېرالىزملىق خاراكتېرى بولغان. 1929-يىلى تاناكاگىئىچى كابىنېتى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ھاماگۇچى ئوساچى كابىنېت تەشكىللىگەن. 1931-يىلى ئۇ قەستلەپ يارىدار قىلىنغاندىن كېيىن 4-ئايدا ۋاكاتسۇكى رېئىجرو كابىنېت تەشكىللىگەن.1935-يىلى ماچىدا تاداھارۇ (1863 - 1946) رەئىس بولغان. سىياسىي دوستلار ئۇيۇشمىسى بىلەن زىددىيىتى ناھايىتى چوڭقۇر بولغان. 1940-يىلى 8-ئايدا بۇ پارتىيە تارقىتىۋېتىلىپ، كونوئې فومىمارونىڭ <يېڭى تۈزۈلمە ھەرىكىتى> گە قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن قۇرۇلغان ياپونىيە تەرەققىيات پارتىيىسى مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئەسلىدىكى پارلامېنت ئەزالىرىنى ئاساس قىلغان.