Chinese→Uyghur主要词典
流亡者同盟
دۇنيا تارىخى
سەرگەردانلار ئىتتىپاقى
<قانۇننىڭ قوغدىشىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار ئىتتىپاقى> ياكى <قوغلاندى قىلىنغانلار ئىتتىپاقى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پارىژدا مۇھاجىرلىك قىلىپ تۇرغان گېرمانىيىلىك سىياسىي سەرگەردانلارنىڭ مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلاتى. 1834 - يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تەكتى 1833 - يىلى قۇرۇلغان <گېرمانىيە خەلق ئىتتىپاقى>. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تولىسى قول سانائەت ئىشچىلىرى.ئاساسىي رەھبەرلىرى ئۇششاق بۇرژۇئا دېموكراتى ۋېنېدېي (1805 - 1871)ۋە سۇستې قاتارلىقلار. بۇ ئىتتىپاق گېرمانىيەنىڭ فېئودال مۇستەبىت تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، <گېرمانىيەنىڭ ئازادلىقى ۋە گۈللىنىشىنى شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىدە كۆرسىتىلگەن پرىنسىپلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش>نى مەقسەت قىلغان. ئۇ بۇرژۇئا دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىگە ۋە خىيالىي سوتسىيالىزمغا ئېتىقاد قىلغان. <سەرگەردانلار> دېگەن ژورنىلى بار. 1836 -يىلى بۆلۈنۈش پەيدا بولغان، ئۇنىڭ سول قانىتى <ھەققانىيەتچىلەر ئىتتپاقى>نى قۇرغان.