Chinese→Uyghur主要词典
流通
كومپيۇتېر
liú tōng
ئاقما لىنىيە رېگىستېرى ئوبوروتDپارقازان، بېسىملىق باك
liú tōng
ئېقىپ ئۆتۈشۈشDپۇل - مۇئامىلە
liú tōng
ئوبوروتDسودا
liú tōng
ئوبوروت، مۇئامىلە ، ئايلىنىپ تۇرۇش، ئۆتۈشۈپ تۇرۇشDئۇنىۋېرسال
liú tōng
ئۆتۈشمەك، يۈرۈشمەك
ئوبوروت
دۇنيا تارىخى
ئوبوروت
تاۋار ئوبوروتى ياكى پۇلنى ۋاسىتە قىلغان تاۋار ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. تاۋار ئىگىلىكى شارائىتىدا، ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى مۇھىم باسقۇچ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېستىمال ئوتتۇرىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئارىلىقتىكى ھالقا. تاۋار ئوبوروتى ئېلىش بىلەن سېتىش بىرلىشىپ كەتكەن نەرسىنى نەرسىگە ئالماشتۇرۇشقا ئوخشىمايدۇ، بەلكى ئېلىش بىلەن سېتىشنى سېتىش (تاۋار - پۇل) ۋە ئېلشى (پۇل - تاۋار) دىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا ئايرىيدۇ. بۇ ئىككى باسقۇچ بىر - بىرى بىلەن باغلانغاندا ئوبوروت جەريانى ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭ تەرتىپى مۇنداق: تاۋار - پۇل - تاۋار. شۇڭا ئوبوروت داۋاملىق بولۇپ تۇرىدىغان ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئوبوروتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ كۆلىمى ھەم ئۇسۇلى ئىشلەپچىقىرىشقا باغلىق بولىدۇ، مەسىلەن، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەقسىتى - كاپىتالنى كۆپەيتىش، بۇ ھال ئۇنىڭ تاۋار ئوبوروتىنىڭ كاپىتال ئوبوروتىنىڭ بىر باسقۇچى، قوشۇمچە قىممەتنى ئشىقا ئاشۇرۇش جەريانى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە كاپىتالىستىك ئوبوروت ئىشلەپچىقىرىش ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە تۇرغان ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ ھال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوبوروتنىڭ زىددىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوبوروت جەريانىنى بۇزىدۇ. ئوبوروتمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ياكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. سوتسىيالىستىك تاۋار ئوبوروتى سوتسىيالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازار ئىگىلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.