Chinese→Uyghur主要词典
流动蒸汽灭菌
بىئولوگىيە
ئاقما سۇ پارى ئارقىلىق ستېرىلىزاتسىيىلەش
ئارنولد (Arnold) ئاقما سۇ پارى ئارقىلىق ستېرىلىزاتسىيىلەش ئەسۋابى ياكى قاسقاندىن پايدىلىنىپ ستېرىلىزاتسىيىلەش ئۇسۇلى. بۇ خىل ئۇسۇلدا، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئوزۇقلىنىش نەتىجىسىنى 100 سېلتسىيە گرادۇسلۇق سۇ پارىدا 30 مىنۇت ئىچىدە ئۆلتۈرۈش مەقستىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىخ سپورىسىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بىرىنچى قېتىمدا ستېرىلىزاتسىيىلىنىدىغان بۇيۇمنى ئۆستۈرگۈچ ساندۇقى ياكى ئىسسىق ئۆيگە قويۇپ، مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىدا بىر كۈن ئۆستۈرۈپ بىخ سپورا بىخلانغاندىن كېيىن ئاندىن ستېرىلىزاتسىيىلىنىدۇ. مۇشۇنداق ئۈچ قېتىم ئۆستۈرۈپ ئۈزۈل - كېسىل ستېرىلىزاتسىيىلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۈزۈپ - ئۈزۈپ ستېرىلىزاتسىيىلەش ئۇسۇلى دەپ ئالدۇرۇپ ستېرىلىزاتسىيىلەش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا دائىم يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىا ئاسان بۇزۇلىدىغان ماددىلار ستېرىلىزاتسىيىلىنىدۇ.