Chinese→Uyghur主要词典
离体开化生理
بىئولوگىيە
تەندىن ئايرىپ چېچەكلىتىش فىزىئولوگىيىسى
چېچەكلەش فىزىئولوگىيىسى ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسىدىكى مۇھىم تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ بىرى. كىشلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئەمەلىيىتى جەريانىدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ۋېگېتاتىۋىق ئۆسۈشتىن كۆپىيىپ ئۆسۈشكىچە بولغان جەرياننىڭ زور ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتتى، ھەمدە بىئولوگىيىدىكى بۇ ئاساسىي مەسىلىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. بىراق چېچەكلەش جەريانى مۇرەككەپ بولغاچقا، تەتقىقات جەريانىدا كۆپلىگەن قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، ئىلگىرى چېچەكلەشنىڭ ئىندۇكسىيىلىنىىشنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، مۇكەممەل ياكى يوپۇرمىقى ئېلىۋېتىلگەن ۋېگېتاتىۋلىق تۈپلەر ئىشلىتىلدى. ئەگەر ۋېگېتاتىۋلىق تۈپ تورمۇزلىغۇچى ماددىنى ھاسىل قىلسا ئۇنىڭ چېچەكلەشنى ئىندۇكسىيىلەيدىغان يوشۇرۇن پوتېنسىئالى كېمىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان توقۇلمىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەندىن ئايرىلغان ئورگانلارنىڭ چېچەكلەش فىزىئولوگىيىسى تەتقىق قىلىندى، بۇ تەندىن ئايرىپ چېچەكلىتىش فىزىئولوگىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. غول ئۇچى ياكى بىخ ئېكتوفىتوزوما ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، 3 - 4 مىللىمېتر ئۇزۇنلۇقتىكى زۇلقا بىخى؛ ھەشقىپىچەك ۋە جۇخار گۈلى ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ 2 - 3 مىللىمېتر ئۇزۇنلۇقتىكى غول ئۇچى؛ ئۇزۇنلۇقى يەتتە مىللىمېتر، دېئامېترى تۆت مىللىمېتر كېلىدىغان پلۇمباگو ئۇرۇقدىشى (بىر خىل قىسقا كۈنلۈك ئۆسۈملۈك) دىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بوغۇم ئارىلىقى قاتارلىقلار تەجرىبە ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. تاماكا غولىنىڭ ئۇچىدىن تۈۋىگىچە پارچىلارغا بۆلۈپ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ گۈل بىخىنى ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىدا گىرادىئېنتنىڭ بارلىقى بايقالدى. تاماكا چۆپىنىڭ چېچەكلەش گىرادىئېىتى، DNA نىڭ مىقدارى بىلەن پاراللېل بولۇپ، چېچەكلەيدىغان تۈپنىڭ ئەڭ ئۇچىدىكى غول توقۇلمىسىنىڭ ھەر گرام ھۆل ئېغىرلىقىنىڭ تەركىبىدىكى DNA نىڭ مىقدارى غولنىڭ تۆۋەن قىسىمىدىكى DNA نىڭ مىقدارىدىن ئون ھەسسىدىن ئارتۇق بولىدۇ. گۈل رېتى قىسىمىدىن ئايرىپ ئېلىنغان DNA نى چوققىدىكى يوپۇرمىقى بولمىغان قولتۇق بىخقا ئىشلەتكەندە، ئۇنى ئىندۇكسىيىلەپ گۈلگە ئايلاندۇرغان. ئەكسىچە ۋېگېتاتىۋلىق تۈپتىن تەييارلانغان DNA دا چېچەكلەشنى ئىندۇكسىيىلەش ئاكتىپلىقى بولمىغان. بۇ تەندىن ئايرىپ ئۆستۈرۈشنىڭ چېچەكلەش فىزىئولوگىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.