Chinese→Uyghur主要词典
李舜臣
دۇنيا تارىخى
لى شۈنچېن
(1545 - 1598) چاۋشيەنلىك مەشھۇر ۋەتەنپەرۋەر گېنېرال. ئىسمى زوشې. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئەسلى يۇرتى كېنگى ۋىلايىتى كائىسوڭ ناھىيىسىدىكى دېشۇي. سېئولدا تۇغۇلغان. دۆلەت ھەربىي ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن. 1591 - يىلى سىللا سول يۆنىلىش دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى بولغان، يېڭى تىپتىكى تۆمۈر قاپقاقلىق ئۇرۇش كېمىسى - تاشپاقىسىمان كېمىنى ياساپ چىقىپ، دېڭىز مۇداپىئەسىنى كۈچەيتكەن. 1592 - يىلى ياپونىيىلىك تومېتومى خىدېيۇشى چاۋشيەنگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندىن كېيى، سىللا، كيونسان دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، يۇپو، تاڭيو، شيەنشەن ئارىلى قاتارلىق جايلاردىكى دېڭىزدا ياپونىيە ئارمىيىسىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، دۈشمەننىڭ سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتىن بىر ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تارمار قىلغان. ئىككىنچى يىلى 7 - ئايدا كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن جۈنجۈن، سىللا، كيوسان ئۈچ ۋىلايەت دېڭىز ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. كېيىن خىزمەتداشلىرىنىڭ كۆرەلمەسلىكى بىلەن گۇرۇھ - مەزھەپ جېدىلىگە چېتىلىپ قېلىپ، تۆھمەت بىلەن ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ، زىندانغا تاشلانغان. 1597 - يىلى 1 - ئايدا، ياپونىيە ئارمىيىسى يەنە بىر قېتىم چاۋشيەنگە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان، ئۇرۇشتا چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، پۈتۈنلەي گۇمران بولۇشقا قىل قالغان، لى شۈنچېننىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، دېڭىز ئارمىيىسىنى قايتا قۇرۇپ چىققان. 9 - ئايدا جېنداۋ ئارىلىنىڭ مىڭلىياڭ (ئىرتو قولتۇقى) دا خۇاڭخەي دېڭىزغا كىرىپ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ماسلاشماقچى بولغان ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. 1598 - يىلى 11 - ئايدا، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن مىڭ سۇلالىسى دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، لولياڭ (كيونساننامدو ۋىلايىتى نەنخەي ناھىيىسى شۆچۈەندە)دا چېكىنىۋاتقان ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن فلوتقا قاتتىق زەربە بەرگەن، جەڭگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان بەختكە قارشى ئوق تېگىپ، ۋەتەن ئۈچۈن مەرتلەرچە قوربان بولغان. قۇربان بولغاندىن كېيىن جۇڭۋېيلىق ئۇنۋان بېرىلگەن. مەرھۇمنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى <لى جۇڭۋو بېگىم ئەسەرلىرى> دېگەن نام بىلەن 15 توم قىلىپ نەشىر قىلىنغان.