Chinese→Uyghur主要词典
历史研究
دۇنيا تارىخى
تارىخ تەتقىقاتى
كىاب ئىسمى. ھازىرقى زامان ئەنگلىيە تارىخچىسى تويىنبې يازغان. 1934-يىلدىن باشلاپ نەشر قىلىنىپ 1196-يىلى تاماملانغان، جەمئىي 12 توم. بۇ كىتابنىڭ ئامېرىكىلىق سومېرۋېل نەشر قىلغان قىسقارتىلغان نۇسخىسى ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ئاپتور گېرمانىيە تارىخى پەلسەپىچىسى سېپېڭلېرنىڭ <مەدەنىيەت فورماتسىيىسى تارىخىي كۆز قارىشى> غا ۋارىسلىق قىلان ھەم ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۇنىڭ قارىشىچە: ئىنسانىيەت تارىخىدا 21 خىل (باشقىچە ئېيتىلىشىچە 26 خىل) مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەن، ھەربىر خىل مەدەنىيىەتنىڭ ھەممىسى بارلىققا كېلىش، ئۆسۈش، زاۋالغا يۈز تۇتۇش ۋە پارچىلىنىشتىن ئىبارەت 4 باسقۇچنى باشتىن ئۆتكۈزگەن؛ ئىنسانىيەت تارىخى مۇشۇ 21 خىل (باشقىچە ئېيتىلىشىچە 26 خىل) مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن يىغىلىپ شەكىلەنگەن؛ تارىخشۇناسلارنىڭ ۋەزىپىسى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتى ھەققىدىكى قانۇنىيەتلەرنى ئىزدەپ تېپىشتىن ئىبارەت. ئۇ يەنە، مەدەنىيەتنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە ئۆسۈشى كىشىلەرنىڭ <مۇھىتىنىڭ خىرىس> قا <قارشى جەڭگە ئاتلىنىش> ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ؛ لېكىن بۇنداق <قارشى جەڭگە ئاتلىنىش> ئىقتىدارى بارلىرى پەقەت ئاز ساندىكى <ئىجادچانلىق> قا ئىگە ئۇلۇغ كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار مەدەنىيەتنىڭ يارتقۇچىسى ۋەئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدۇر، دەپ تونۇيدۇ. سپېڭلېرغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى: مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى پەقەت غەربنىڭ خرىستىئان مەدەنىيىتىلا تۆتىنچى باسقۇچتىن ساقلىنىپ قېلىشى، داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. شۈبھسىركى، بۇ كاپىتالىزم تۈزۈمىنى ئاقلىغانلىق، بۇ كىتابنىڭ ئۈچ قىسىملىق خەنزۇچە تەرجىمىسى بولۇپ، سومېرۋېلنىڭ قىسقارتىلما نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىنغان.