Chinese→Uyghur主要词典
林芽椰蒂协定
دۇنيا تارىخى
لىنگاياتى كېلىشىمى
<سېرېبون كېلىشىمى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1945 - يىلى 8 - ئايدا ھىندۇنېزىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، گوللاندىيە بىلەن ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، 1946 - يىلى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سېرېبون ئەتراپىدىكى لىنگاياتى كەنتىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان، 1947 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى جاكارتادا رەسىمىي كېلىشىم ئىمزالىغان. ئاساسىي مەزمونى: گوللاندىيە ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتىنڭ ياۋا، مادۇرا ۋە سۇماترا ئاراللىرىغا بولغان ئەمەلىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتراپ قىلىدۇ؛ 1949 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە گوللاندىيە يار - يۆلەك بولغان <شەرقىي ھىندۇنېزىيە قوشما شتاتى> بىلەن <كالىمانتان قوشما شىتاتى> بىرلىشىپ <ھىندۇنېزىيە قوشما شتاتلىرى> نى تەشكىل قىلىدۇ؛ <ھىندۇنېزىيە قوشما شتاتلىرى> بىلەن گوللاندىيە بىرلىشىپ <گوللاندىيە - ھىندۇنېزىيە قوشما شتاتلىرى> نى تەشكىل قىلىپ، ئۇنىڭغا گوللاندىيە كورۇللىۋاسى باشلىق بولىدۇ؛ ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتى چەت ئەل كاپىتالىستلىرىنىڭ ھىندۇنېزىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى مال - مۈلۈك ۋە ھوقۇق - مەنپەئەت تەلەپلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. گوللاندىيە كېلىشىمىنى قالقان قىلىپ ئۇرۇش تەييارلىقىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ھىندۇنېزىيىگە ئۇمۇميۈزلۈك ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ، كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلىغان.