Chinese→Uyghur主要词典
龄期
بىئولوگىيە
تۈلەش ئارىلىق مەزگىلى
<ستادىيۇم> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھاشاراتلار لىچىنكىسىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئىككى نۆۋەت تۈلەش ئارىلىقىدا ئۆتكەن ۋاقىت. ھەر خىل ھاشاراتلارنىڭ ستادىيۇمىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ۋە ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ. تۇخۇمدىن چىققاندىن تارتىپ بىرىنچى تۈلەشكىچە بىرىنچى ستادىيۇم، بىرىنچى تۈلەشتىن ئىككىنچى تۈلەشكىچە ئىككىنچى ستادىيۇم بولىدۇ. بەلگىلىك ستادىيۇمدىكى كونكرېت ھاشاراتنىڭ لىچىنكىسىنىڭ قۇرت ھالىتى ستادىيۇملۇق قۇرت دېيىلىدۇ، مەسىلەن، بىرىنچى ستادىيۇمدىكى قۇرت بىر ستادىيۇملۇق (ئۆزگىرىشلىك) قۇرت دېيىلىدۇ. قالغانلىرىمۇ شۇنداق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا قۇرتنىڭ ستادىيۇمىنى ۋە ستادىيۇملۇق قۇرتنى (يېشىنى) ھېسابلىغاندا تۈلەش سانىغا بىر سان قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، پىيادە چېكەتكە تۆت قېتىم تۈلىگەندىن كېيىنكىسى بەشىنچى ستادىيۇم بولۇپ، بۇ چاغدىكى پىيادە چېكەتكە بەش ستادىيۇملۇق چېكەتكە بولىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن، بەشىنچى نۆۋەت تۈلىگەندىن كېيىن (ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەت) يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ.
دېھقانچىلىق
líng qī
ياش مەزگىلىDئورمانچىلىق
líng qī
ياش دەۋرى