Chinese→Uyghur主要词典
淋巴循环
بىئولوگىيە
لىمفا ئايلىنىشى
توقۇلما سۇيۇقلۇقى قان ئايلىنىشقا قوشۇلۇپ كېتىدىغان بىر ياردەمچى (قوشۇمچە) سىستېما. لىمفا كاپىلليار تومۇرى، چوڭ - كىچىك لىمفا نەيچىلىرى ۋە لىمفا تۈگۈنلىرىدىن تەركىب تاپقان. لىمفا كاپىلليار تومۇرلىرىنىڭ باشلىنىش ئۇچى پۈتەي نەيچە بولۇپ، توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىغا جايلاشقان، نەيچە دىۋارىنىڭ ئېندوتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ئۆزئارا بىر - بىرى بىلەن تاقاشمايدۇ. ئۆتۈشۈشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا توقۇلما سۇيۇقلۇقىدىكى ھەر خىل تەركىبلەرنىڭ ھەممىسى لىمفا كاپىلليار تومۇرلىرىغا كىرىپ لىمفا سۇيۇقلۇقىغا ئايلانغان. لىمفا كاپىلليار تومۇرلىرى بىر - بىرى بىلەن بىرىكىپ تور شەكىللەندۈرگەن ھەم تەدرىجىي يىغىلىپ بارغانسېرى يوغىناپ لىمفا نەيچىسىنى شەكىللەندۈرگەن. ئېقىش جەريانىدا لىمفا نەيچىلىرى چوڭ - كىچىك لىمفا تۈگۈنلىرىدىن ئۆتۈپ ئاخىرىدا ئوڭ لىمفا نەيچىسى ۋە تۆش قانالچىسى بولۇپ يىغىلىپ ئوڭ - سول ئىككى ياندىكى ئوقۇرەك سۆڭەك ئاستىنقى ۋېناسىغا كىرىپ يۈرەككە قايتىدۇ. شۇڭا لىمفا ئايلىنىشى قان ئايلىنىشقا قوشۇلۇپ ئاقىدىغان تەركىبىي قىسىمنى شەكىللەندۈرگەن. لىمفانىڭ قوشۇلۇپ ئېقىشى تۆۋەندىكىدەك مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە؛ (1) قان پلازمىسى بىلەن ھۈجەيرە ئوتتۇرىسىدىكى تەن سۇيۇقلۇق مۇۋازىنىتىنى تەڭشەپ، ئارتۇقچە توقۇلما سۇيۇقلۇقى ۋە ئاقسىللارنى لىمفا يولى ئارقىلىق قان سۇيۇقلۇقىغا قايتۇرۇپ توقۇلما ئارىلىق بوشلۇقلىرىغا توقۇلما سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قېلىپ سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇشىدىن ساقلايدۇ. (2) لىمفا تۈگۈنلىرى مۇداپىئە قىلىدىغان توسۇقلۇق رولىغا ئىگە. لىمفا سۇيۇقلۇقى لىمفا تۈگۈنىدىن ئېقىپ ئۆتكەندە، لىمفاغا بىللە ئەگىشىپ كەلگەن باكتېرىيە ۋە غەيرىي ماددىلار لىمفا تۈگۈنىدە توختاپ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەر تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلىپ لىمفا سۇيۇقلۇقى تازىلىنىش بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى كېمەيتىلىدۇ. لىمفا تۈگۈنى ھاسىل قىلغان لىمفا ھۈجەيرىلىرى ۋە پلازما ھۈجەيرىلىرى يەنە ئىممۇنىتېتلىق رېئاكسىيىگە قاتنىشىپ ئورگانىزمنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. (3) ئوزۇقلانغاندىن كېيىن سۈمۈرۈلگەن ياغ مىكرو دانىچىلىرى ئىنچىكە ئۈچەي تىۋىتلىرىدىكى (<ئىنچىكە ئۈچەي تىۋىتلىرى> گە قارالسۇن) لىمفا كاپىلليار تومۇرلىرىغا كىرىپ لىمفانىڭ توشۇشى بىلەن قان سۇيۇقلۇقىغا بارىدۇ، شۇڭا لىمفا سۇيۇقلۇقى ئاق رەڭلىك خىلۇس ھالىتىدە بولىدۇ، لىمفا نەيچىسى خىلۇس نەيچىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تېببىي
lín bā xún huán
لىمفا ئايلىنىشى