Chinese→Uyghur主要词典
礼论
دۇنيا تارىخى
قائىدە - يوسۇن مۇنازىرىسى
چاۋشيەندىكى لى سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا فېئودال ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئائىلە قائىدە - يوسۇنلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە. ئائىلە قائىدە - يوسۇنلىرى باش كىيىم، توي، ئۆلۈم ۋە نەزىر - چىراغتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك ئەدەب مۇراسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسلىقى ھازا مۇراسىمى مەسىلىسى ئۈستىدە تالاش بولغان. 1659 - يىلى شياۋزۇڭ خان ئۆلگەندە غەربلىكلەر گۇرۇھىدىكى سۇڭ شىليې قاتارلىقلار شياۋزۇڭ رېنزۇخاننىڭ چوڭ ئوغلى ئەمەس، شۇڭا خانىكە سى يىنىڭ ھازا كىيىمى كىيىش مۇددىتى بىر يىل بۇلۇشى كېرەك، دەپ قارىغان. جەنۇبلۇقلار گۇرۇھىدىكى يى جۈەن قاتارلىقلار شياۋزۇڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلغانىكەن، ئۇنىڭ خاننىڭ چوڭ ئوغلىدىن پەرقى يوق. شۇڭلاشقا سى يى خانىكىنىڭ ھازا كىيىمى كىيىش مۇددىتى ئۈچ يىل بولۇشى لازىم، دەپ قارىغان. نەتىجىدە غەربلىكلەرنىڭ تەشەببۇسى قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلار غەلىبە بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان. 1674 - يىل شياۋزۇڭ خاننىڭ خانىشى ئۆلگەندە خانىكە سى يىنىڭ ھازا كىيىمى كىيىش مەسىلىسىدە غەربلىكلەر توققۇز ئاي بولۇشى كېرەك دەپ، جەنۇبلۇقلار بولسا بىر يىل بولۇشى كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىشقان، نەتىجىدە جەنۇبلۇقلار غەلىبە قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان، غەربلىكلەر تەسىر كۈچىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئائىلە قائىدە - يوسۇنلىرى توغرىسىكى مۇنازىرە ئۇزاق مۇددەتكىچە گۇرۇھلار كۈرىشىنىڭ باھانىسى بولۇپ قالغان. جۇزى تەلىماتىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئەدەب - قائىدە مۇراسىملىرىغا ھۈرمەت قىلىش نەزەرىيىسى بىلەن ئالىيجاناپ ئەخلاقىي پەزىلەت تەلىماتى بۇ مۇنازىرىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى بولغان. ماھىيەتتە بۇ، لى سۇلالىسى ھۆكۈمران سىنىپلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، خالاس.