Uyghur←Chinese主要词典
ليكۇرگۇس
دۇنيا تارىخى
来库古
lái kù gǔ
(مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن Ⅸ ياكى Ⅷ ئەسىرلەر) رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان سپارتالىق قانۇنچى. ئۇنىڭ تۇغۇلغان، ئۆلگەن ۋاقتى ۋە ئىش ئىزلىرى ھەققىدىكى رىۋايەتلەردە قەدىمدىن تارتىپ ئېيتىلىشى ئوخشاش ئەمەس. ئېيتىلىشچە ئۇ، سپارتانىڭ ياش پادىشاھىنىڭ تاغىسى بولۇپ نائىب بولغانىكەن. ئۇ، كرىت ئارىلى بىلەن غەربىي ئاسىيا قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ چىققانمىش. دېلىفى خۇدا ئاپوللوننىڭ ئەمرى بىلەن، سپارتالىقلارغا غەيرىي رەسمىي <رېترا> (پەندى - نەسىھەت ياكى قانۇن مەنىسىدە) تۈزۈپ بەرگەنمىش. باي - كەمبەغەل، باراۋەرسىزلىك ھالىتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، يەرنى قايتىدىن تەقسىم قىلغانمىش؛ سپارتا جەڭچى سانىغا ئاساسەن، سپارتاغا تەۋە ھەممە يەرلەرنى 9000 پارچىغا بۆلۈپ ھەرقايسى ئائىلىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە تەڭ تەقسىم قىلىپ بەرگەنمىش. بۇنىڭدىن باشقا لاكونىيىنىڭ يېرىنىمۇ 30 مىڭ پارچىغا بۆلۈپ، بويسۇنغۇچى پېرىئىكىلار (چېگرا خەلقى مەنىسىدە) غا بۆلۈپ بەرگەنمىش. ئۇ، يەنە سېنات (ئاقساقاللار كېڭىشى) ئەزالىرى سانىنى (28 كىشى يەنە ئىككى پادىشاھ قوشۇلۇپ) بەلىگىلەپ بەرگەنمىش، كوللىكتىپ تاماق يېيىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويغانمىش، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى سپارتا قەدىمىي تۈزۈمى ۋە ئەنئەنىسىگە ئاساسەن سالغۇچى دەپ قاراپ كەلگەن. ئېيتىلىشچە ئۇ تۈزگەن ئادەت قانۇن - نىزامنى، سپاتارلىقلار مەڭگۈ بۇزماسلىققا قەسەم بەرگەنمىش، ھەتتا كېيىنكىلەر ئۇنى تەڭرى ھېسابلاپ، نەزىر - چىراغ قىلىپ كەلگەنمىش. ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلىرى بۇنى توقۇپ چىقىلغان شەخس بولۇپ سپارتالىقلرنىڭ قەدىمكى ئادالەتلىك غايىسىنىڭ بىر خىل سمۋولى دەپ قارىماقتا؛ بۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي ئۆتكەن شەخس دېگەننى تەشەببۇس قىلغۇچىلارمۇ بار