Chinese→Uyghur主要词典
李可夫
دۇنيا تارىخى
رىكوۋ
(1881 - 1938) سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى. ساراتوۋدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپ روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، سانائەت رايونلىرىدا ئىنقىلابىي تەشۋىق - تەرغىبات ئېلىپ بارغان. 1905-يىلى پارتىيىنىڭ <ئۈچىنچى قۇرۇلتىيى> دا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1905-يىلدىكى ئىنقىلابقا قاتناشقان. كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ سۈرگۈنگە ھەيدەلگەن. روسىيە فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن پېترۇگرادقا قايتىپ كەلگەن. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارى بولغان. 1918-يىلى ئالىي خەلق ئىگىلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1923-يىلى سىياسىي بيورۇ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1924-يىلى لېنىن ۋاپاتىدىن كېيىن، خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. كېيىن يېزا ئىگىلىكىنى كوللېكتىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بوخارىن بىلەن بىرگە پارتىيىگە قارشى گۇرۇھ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1930-يىلى خەلق كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. 1931-يىلى قاتناش خەلق كومىسسارى بولغان. 1936-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 1937-يىلى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. 1938-يىلى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.