Chinese→Uyghur主要词典
立克次氏体
بىئولوگىيە
رىككېتسىيە
ئىپتىدائىي يادرولۇق جانلىقلارغا كىرىدۇ. كۆپلىگەن بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى باكتېرىيە بىلەن ۋىرۇس ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، باكتېرىيىگە يېقىن كېلىدۇ، ھەمدە مەخسۇس ھۈجەيرە ئىچىدە پارازاىت ياشايدىغان كىچىك ۋە مۇھىم مىكرو ئورگانىزملار گۇرۇپپىسىنى تۈزىدۇ. باكتېرىيە تېنى تاياقسىمان، شارسىمان، قوش شارسىمان ياكى يىپسىمان بولۇپ، تاق ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ، بەزىلىرى كۆپ خىل شەكىللىك بولۇپ، دائىم ئۆسىدىغان توقۇلما ۋە ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بىراق زەھەر كۈچى ئۆزگەرمەيدۇ. شارسىمانلىرىنىڭ دىئامېتر 0.2 ~ 0.5 μm، تاياقسىمانلىرىنىڭ دىئامېترى 0.2 ~ 0.5 × 0.3 ~ 2.0 μm بولىدۇ. ئايرىملىرىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى باكتېرىيە فىلتىرلىگۈچتىن ئۆتمەيدۇ. ھەرىكەت قىلمايدۇ، بىخ سپورىسى بولمايدۇ. ئىشقارلىق بوياقلاردا ئاسان بويالمايدۇ، بىراق گېمزا ياكى ماككىۋىلو بوياش ئۇسۇلىدا بويىغاندا، ئادەتتە گرام مەنپىي بويىلىدۇ. پارازاىت ئىگىسىنىڭ سىتوپلازمىسى ياكى يادروسىدا ياشايدۇ، ئايرىم تۈرلىرى سۈنئىي ئۆستۈرگۈچتە ئۆسىدۇ. ئىككىگە بۆلۈنۈش ئۇسۇلىدا كۆپىيىدۇ. ھەر خىل رىككېتسىيىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پارازىت قىلىندىغان تەبىئىي ھايۋان ئىگىلىرى بولىدۇ؛ ھاشاراتلارنى ۋاستە قىلىپ ئاەم ۋە ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارغا تارقىلىپ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
lì kè cì shì tǐ
رېككېتسىيە