Chinese→Uyghur主要词典
利古里亚人
دۇنيا تارىخى
لىگۇرىيانلار
ئىتالىيەدىكى قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ بىرى. ھىندى - ياۋرۇپا ئىرقىغا تەۋە بولۇپ، ئېھتىمال كېلىتلار ياكى گېرمانلار بىلەن ئورتاق مەنبەگە ئىگە بولسا كېرەك. ئىتالىيىنىڭ غەربىي شىمالى قىسمى، پادۇس (پو) دەرياسى يۇقىرى ئېقىمىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىزغا يېقىن رايونغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاي لىگۇرىيە دەپ ئاتالغان. بۇ يەر تاغلىق (ئاپپېننىن تېغى) رايون بولۇپ، ئاھالىسى ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، دېڭىز قىرغىقكىدىكى گېنۇيە قەدىمدىن تارتىپ ئوبدان پرىستان بولۇپ كەلگەن. دەسلەپ لىگورىيانلار دائىم دېڭىزدىن ئۆتۈپ كارفاگېن (شىمالىي ئافرىقا) غا بېرىپ ياللانما ئەسكەر بولغان. كېيىنرەك رىمنىڭ ئىستېلاۋسىغا قارشى جەڭ قىلغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 238 يىل ئىلگىرى رىم قوشۇنى باستۇرۇپ كىرىشكە باشلىغان. ئىككىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇشى ئاياغلاشقىچە (مىلادىدىن 201 يىل ئىلگىرى) بولغان ئارىلىقتا ئاخىرى رىملىقلر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇۋېلىنغان؛ لىگورىيانلار مەجبورىي ھالدا ئىچكى رايون - سامنېي رايونىغا كۆچۈرۋېتىلىپ، ئۇ يەرگە تۈركۈم - تۈركۈم رىم مۇستەملىكىچىلىرى كىرگەن. لىگۇرىيە رايونى تاغنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيە ۋە نابون گاللىيىدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلىنىڭ باشقۇرۇشىغا بۆلۈپ بېرىلگەن. ھازىرقى گېنۇيە قولتۇقىدىن تارتىپ كورسكا ئارىلى ئارىلىقىدىكى سۇ ساھىلى ھېلىمۇ لىگۇرىيە دېڭىزى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.