Chinese→Uyghur主要词典
立法议会
دۇنيا تارىخى
قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى بىر پالاتالىق قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. 1791 - يىلى 01 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېچىلغان. پارلامېنت ئەزالىرى ئۈچ گورۇھقا مەنسۇپ بولۇپ، ئوڭچىلار - فېليانچىلار 264 ئورۇننى، سولچىلار - ياكوبىنچىلار 136 ئورۇننى (بۇنىڭ ئىچىدە يەنە گروندچىلار ئاسا قىلىنغان). ئارىلىقتىكىلەر - مۇستەقىل گۇرۇھتىكىلەر 345 ئورۇننى ئىگىلىگەن. 1792 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن ئىلگىرى فېليانچىلار بىلەن گروندىچىلار رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ئارا دەتالاش قىلىپ، ھەرقايسىسى بىر مەزگىل ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. 1791 - يىل 10 - 11 - ئايلاردا قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى قېچىپ كەتكەن ئاقسۆڭەكلەرنىڭ چەكلىك مۇددەت ئىچىدە ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشى ۋە قارشىلاشقۇچى مۇناخلارنىڭ جەزمەن پۇقرالار قەسەميادى ئۆتكۈزۈشى لازىملىقى توغرىسىدىكى پەرماننى ماقۇللىغان. 1792 - يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، پارلامېنت كۆپچىلىك ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن پادىشاھنىڭ ئاۋستىريىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشىنى قۇۋۋەتلىگەن. 7 - ئايىنىڭ 11 - كۈنى، <ۋەتەن خەۋپ ئاستىدا> دەپ جاكارلاپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ۋەتەننى ھىمايە قىلىشقا چاقىرغان. 10 - ئاۋغۇست قوزغىلىڭىدىن كېيىن گروندىچىلار قانۇن چىقىرىش پارلامېنتىنى تىزگىنلەپ، شومىت قاتارلىق كىشىلەرنىڭ رەھبەرلىكىدىكى پارىژ كوممۇنىسى (1789 - 1794)بىلەن قارشىلاشقان. خەلقنىڭ بېسىمى ئاستىدا فېليانچىلارغا قارىغاندا ئىلغار بولغان يەر قانۇنىنى ئېلان قىلغان. پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پارلامېنتى - مىللىي ئۇيۇشمىنى چاقىرىشنى جاكارلىغان. قانۇن چىقىرىش پارلامېنتى 1712 - يىل 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى يېپىلغان.