Chinese→Uyghur主要词典
列宁格勒保卫战
دۇنيا تارىخى
لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشى
سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيىنىڭ لېنىنگرادقا قىلغان ھۇجۇمىغا زەربە بېرىشتىن ئىبارەت مۇداپىئە ئۇرۇشى. 1941 - يىلى 7 - ئايدا شىمالىي لىنىيىدىكى گېرمانىيە ئارمىيىسى بالتىق دېڭىزىنىڭ قىرغاقلىرىنى ئىشغال قىلىپ، لېنىنگرادقا قىستاپ كەلگەن. 8 - ئايدا لېنىنگراد شەھەر ئەتراپى رايونىدا شىددەتلىك جەڭ قىلغان. 9 - ئايدا ئۇرۇش لىنىيىسى شەھەرگە 15 - 20 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگىچە ئىلگىرلىگەن ھەمدە لادوگاكۇلنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى شىلىسسېلبۇرگنى ئىشغال قىلىپ، قۇرۇقلۇقتىن قامال قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيىسى ھەمدە لېنىنگرادتىكى ئاھالىلەر 900 كۈن باتۇرلارچە قەيسەرلىك بىلەن مۇداپىئە ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، دۈشمەننىڭ نۇرغۇن قېتىملىق ھۇجۇمىنى تارمار قىلغان. 1944 - يىلى 1 - ئايدا قايتۇرما ھۇجۇمىغا ئۆتۈپ، مۇداپىئە ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.