Chinese→Uyghur主要词典
李瓷谦
دۇنيا تارىخى
لى زىچيەن
چاۋشيەن كورىيە خاندانلىقى شونزۇڭ، رۇيزۇڭ، رېنزۇڭ سۇلالىرىنىڭ شىرەم تۇغقىنى ۋە زالىم ۋەزىر. بوۋىسى لى زىيۈەن، ۋېنزۇڭنىڭ شىرەم تۇغقىنى بولۇپ، ئىشىكئاغا ۋە ھەرەم يانداش ئامبىلى بولغان. ئۇ نەسەب، جەمەت شۆھرىتىگە تايىنىپ تۇرۇپ، ئېسىلزادە تۆرىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. سىڭلىسى پادىشاھ شۈەنزۇڭنىڭ خانىكىسى بولغان. شۈەنزۇڭ پادىشاھ ئۆلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل مەنسىپىدىن قالدۇرۇلغان. رۇيزۇڭ پادىشاھ دەۋرىگە كەلگەندە ئىككىنچى قىزىنى خانىشلىققا بېرىپ، قايتا ھوقۇق تۇتقان. رۇيزۇڭ پادىشاھ ئۆلگەندىن كېيىن شاھزادىنى تەختكە چىقىرىپ، ئۇنڭغا رېنزۇڭ دەپ نام بېرىلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ تۆھپەم بار دەپ مەغرۇرلىنپ، كۈنسايىن ئۆكتەملەشكەن. ئۇ يەنە ئۈچىنچى، تۆتىنچى قىزلىرىنى خانىش قىلىپ ئوردىغا كىرگۈزۈپ، ئۇرۇق - تۇغقان، جەددى - جەمەتلىرىنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇپ، باشقىلارنى چەتكە قاققان. مەنسەپ - مەرتىۋە سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. ئومۇم ئىشىدا پارا يېگەن، پۇقرالارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋالغان. ئۇ يەنە سۇڭ سۇلالىسىگە خۇسۇسىي ئەلچى ئەۋەتىپ سىپاھگەرلىك ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن مەلۇماتىم كۆپ دەپ كۆرەڭلىگەن. 1261 - يىلى (رېنزۇڭنىڭ 4 - يىلى) 2 - ئايدا، ھەرەم ئاغىسى جىنسەن، ھۈدەيچى، زوراغا جى لۇيەن، ئالىي سانغۇن سۈيجۇ قاتارلىق كىشىلەر ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاپ ئىشقا ئاشۇرالمىغان. لى زىچيەن تۇجۇنجېڭ بىلەن بىرلىكتە ئەسكەر يۆتكەپ پادىشاھ ئوردىسىنى قورشاپ، ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۋەتكەن. قارشى كۈچلەرنىمۇ قىرىپ تاشلىغان. كېيىن تۇجۇنجېڭ بىلەن ئارازلىشىپ قالغان، شۇ يىلى مايدا رېنزۇڭ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، لىڭگۇاڭغا (پوللا - نامدو ۋىلايىتى) گە پالانغان.