Chinese→Uyghur主要词典
李承晚
دۇنيا تارىخى
لىسىنمان
(1875 - 1965) جۇنۇبىي چاۋشيەن <زۇڭتۇڭى> (1948 - 1960). تەخەللۇسى يۈنەن. خۇاڭخەيدو ۋىلايىتى پيوڭسانلىق. 1894 - يىلى سېئول خادىم يېتىشتۈرۈش مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1898 - يىلى يېڭىلىققا كۆچۈش سىياسىي پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى ئ ۈچۈن قولغا ئېلىنغان. 1904 - يىلى تۈرمىدىن چىقىپ ئامېرىكىغا بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋاشىنگتون، خاراۋارد ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغان ھەمدە پرىستون ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالغان. 1910 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خرىستىئان ياشلار ئۇيۇشمىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ياپونىيىگە قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ قولغا ئېلىنغان. ئامېرىكىلىق مىسسىئونېرلارنىڭ قۇتقۇزۇپ قېلىشى بىلەن 1912 - يىلى قويۇپ بېرىلىپ، يەنە ئامېرىكىغا كەتكەن. 1914 - يىلى ھاۋاي ئارىلىدا <تىنچ ئوكياندىكى كورىيە> ناملىق ژۇرنال چىقىرىپ، ياپونىيىگە قارشى ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. 1919 - يىلى 4 - ئايدا جۇڭگونىڭ شاڭخەيدە <كورىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى> قۇرۇلغاندا، زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. 1921 - يىلى ئىچكى قورساق ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبور بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا مىللىي مۇستەقىللىك ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1945 - يىلى ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، 10 - ئايدا چاۋشيەنگە قايتىپ كەلگەن. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئوڭچى كۈچلەرنى توپلاپ كومپارتىيىگە قارشى ئامېرىكاپەرەس لۇشيەن يۈرگۈزۈشىگە ھەمكارلاشقان. 1948 - يىلى 8 - ئايدا <بۈيۈك كۇرىيە مىللىي دۆلىتى>نى قۇرۇپ، ئۆزى تۇنجى <زۇڭتۇڭ> بولغان. 1950 - يىل 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن چاۋشىيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان. ئىچكى جەھەتتە فاشىستىك ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن. 1960 - يىلى پارا بېرىش ۋە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ 4 - قېتىم <زۇڭتۇڭ> بولۇپ سايلانغان، بىراق، جەنۇبىي چاۋشيەن خەلقنىڭ ئىستىبداتلىقىغا قارشى سىياسىي كۈرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولغان. 5 - ئايدا ھاۋاي ئارىلىغا قېچىپ كەتكەن، كېيىن شۇ جايدا ئۆلگەن.