Chinese→Uyghur主要词典
李朝实录
دۇنيا تارىخى
لى سۇلالىسىنىڭ ئوردا خاتىرىلىرى
چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ يىلنامە تارىخىي كىتابى. لى سۇلالىسى مەزگىلدە ئوردىدا تارىخىي سارىيى قۇرۇلۇپ، ئەينى دەۋردىكى سىياسىي ۋەقەلەر خاتىرلەنگەن. ئۇنىڭغا تارىخچىلار يازغان تارىخنامىلەر (خان پادىشاھ تارىخلىرى) قوشۇلۇپ، ئوردا خاتىرىسىنى يېزىپ چىقىشتىكى ئاساسىي تارىخىي ماتېرىيالى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە تەيزۇ (1392 - 1398 - يىللىرى تەختتە بولغان) دىن باشلىنىپ جېزۇڭغىچە (1849 - 1863 - يىللىرى تەختتە بولغان) 26 ئەۋلاد پادىشاھنىڭ ئوردا خاتىرىلىرى تۈزۈپ چىقىلىپ، 1708 - جىلد تارىخ تۈزۈپ چىقىلغان. ياپونىيەنىڭ تىزگىنلىشى ئاستىدا، لى ۋاڭجى، گاۋزۇڭ (1863 - 1907 - يىللىرى تەختتە بولغان)، چۈنزۇڭ (1907 - 1910 - يىللىرى تەختتە بولغان)لارنىڭ ئوردا خاتىرىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ چىققان. بۇلار جەمئىي 1893 جىلد بولغان. تەختتىن قالدۇرۇلغان. لۇشيەنجۈن، يەنشەنجۈرون، گۇاڭخەيجۈندىن ئىبارەت ئۈچ خاندانلىقنىڭ <تارىخىي خاتىرىسى> دەپ ئاتالغان. ئەمما ئۇنىڭ مەزمون، شەكلى ئوردا خاتىرىسى بىلەن تامامەن ئوخشاپ كېتىدۇ. لى سۇلالىسىنىڭ ئوردا خاتىرىلىرى - لى سۇلالىسىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى، جۇڭگودىكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تارىخى، شۇنىڭدەك ھەرقايسى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئۇمۇمەن مۇھىم تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.