Chinese→Uyghur主要词典
李贲起义
دۇنيا تارىخى
لى فېن قوزغىلىڭى
مىلادى Ⅵ ئەسىردىكى جياۋجۇ ئايمىقى (ھازىرقى ۋيېتنام) خەلقىنىڭ جۇڭگودىكى لياڭ سۇلالىسىنىڭ فېئودال ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى لى فېن (؟ - 854) بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. لى فېننىڭ يەنى بىر قىمسى لىمى بولۇپ، ئاتا - بوۋىلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەنزۇ، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا ھەربىي يىغىلىقتىن قېچىپ ھىندىچىنغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەتتە ئەۋلاد زومىگەرلەردىن. لى فېن ئەسلىدە لياڭدې ئايمىقىنىڭ ھەربىي نازارەتچىسى بولۇپ، ئەمىلىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن نارازى بولۇپ، قورسىقىدا غۇم ساقلاپ كەلگەن. بۇ مەزگىلدە لياڭ سۇلالىسىنىڭ جياۋجۇ ئايمىقىنىڭ ئايماق بېگى شياۋسى قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، خەلققە بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن 541 - يىلى ئاممىنى باشلاپ قوزغىلاڭ قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي جياۋجۇ ئايمىقىنىڭ مەركىزى لۇڭبيەن (ھازىرقى خانوي) نى ئالغان. شياۋسى گۇاڭجۇغا قېىپ كەتكەن. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لياڭ سۇلالىسى بىلەن جەنۇبتىكى لېيىنبلارنىڭ ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، قۇدرەت تاپقان. 544 - يىلى، لى فېن ئۆزىنى جەنۇبىي ۋېيتنام پادىشاھى (ۋيېتنام تارىخىدا بۇ ئالدىنقى ۋيېتنام لى پادىشاھى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى لى فۇزى پادىشاھىنى كېيىنكى ۋيېتنام لى پادىشاھى دەپ ئاتىلىدۇ)، دۆلەت نامىنى ۋەنچۈن، پايتەختنى لوڭبىيەن، دۆلەت قۇرغان تۇنجى يىلىنى تيەندى دەپ ئاتاپ، ۋەزىر - مۇلازىملىرىنى بېكىتكەن. 545 - يىلى، لياڭ سۇلالىسى يەنە ياڭ بىياۋ، چىن باشيەننى جازا يۈرۈشىگە ئەۋەتكەن. لى فېن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۇلىجياڭ دەرياسى ئېغىزى بىلەن دىيەنچى كۆلى قاتارلىق جايلاردا لياڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى تەرىپىدىەن مەغلۇپ بولۇپ، چۇلياۋ غارى (ھازىرقى شىڭخۇا)غا قېچىپ كىرىۋالغان. 548 - يىلى چۇلياۋلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن (قەدىمكى ۋيېتنام تارىخىدا كېسەل بىلەن ئۆلگەن دېيىلىدۇ). ۋېيتنام تارىخىدا لى فېن قۇرغان ھاكىمىيەتنى، لى گوڭيەن قۇرغان كېيىنكى لى سۇلالىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنقى لى سۇلالىسى دەپ ئاتىلىدۇ.