Chinese→Uyghur主要词典
两西西里王国
دۇنيا تارىخى
ئىككى سىتسىلىيە پادىشاھلىقى
ئىتالىيدىكى فېئودال پادىشاھلىق، زېمىنى جەنۇبىي ئىتالىيە بىلەن سىتسىلىيە ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1504 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىسپانىيە پادىشاھلىقىغا بېقىنغان. 1713 - يىلى سىتسىلىيە، ساۋوپىيە گېرتسوگلىقىغا تەۋە بولغان. 1714 - يىلى جەنۇبىي ئىتالىيە ئاۋسترىيىگە ئاجرىتىپ بېرىلگەن. 1720 - يىلى ساۋوپىيە گېرتسوگلىقى ئاۋسترىيىگە سىتسىلىيىنى بېرىش ھېسابىغا ساردىنىيە ئارىلىنى ئالغان. شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي ئىتالىيە بىلەن سىتسىلىيە يېڭىۋاشتىن قوشۇلۇپ، ھابىسبۇرگلار خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئۆتكەن. 1735 - يىلىدىن تارتىپ، پادىشاھلىق تەختىنى بوربۇن خاندانلىقىنىڭ ئىسپانىيە جەمەتى ئىگىلىگەن. دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان. يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى چوڭ پومېشچىكلارنىڭ قولىدا بولۇپ كاتولىك دىنى جەمئىيەتلىرىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان. 1779 - يىلى نېئاپولد قوزغىلاڭ بولۇپ، پاتېنويا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1848 - 1849 - يىللىرى يەنە ئىنقىلاب پارتلىغان، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى باستۇرۇلغان. ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى داۋامىدا پۈتۈن مەملىكەت زېمىنى 1860 - يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقى تەرىپىدىن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.