Chinese→Uyghur主要词典
两斑
دۇنيا تارىخى
ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى
چاۋشيەندە كورىيە ۋە لى سۇلالىرى دەۋرىدە ھۆكۈمران ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن بيۇروكرات پومېشچىكلار سىنىپى. كورىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە خان جەمەتلىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، تۆھپىكار ۋەزىرلىرى قاتارلىقلارنى گەۋدە قىلغان. سىللا مەزگىلىدىكى ئاقسۆڭەك مۇشتۇمزور تۆرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مۈلكىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى بەلگىلەيدىغان تۈزۈم. ئوردا مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندە مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ ئورنى ئوردىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولغاچقا، مۈلكىي ئەمەلدارلار ياكى شەرقىي تەرەپتىكى ئەمەلدارلار دەپ ئاتالغان. ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ ئورنى غەربىي تەرەپتىكى ئەمەلدارلار دەپ ئاتالغان. بۇلار بىرلەشتۈرۈلۈپ ھەربىي ۋە مۈلكىي ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى ياكى شەرقىي ۋە غەربىي ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى، قىسقارتىپ ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى دەپ ئاتالغان. ھۆكۈمەت تېرىلغۇ يەر، ئوتۇن ئورمانلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەرتىۋە بويىچە ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرىغا يەر (تېرىلغۇ يەر) ۋە ئوتۇن (تاغ ئورمانزارلىقى) تەقسىم قىلىپ بەرگەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئىجارە، باج - سېلىق يىغىۋالىدىغان خۇسۇسىي يېرى بولۇپ، مائاش ئورنىدا شال ئالغان. لى خاندانلىقى كورىيە خاندانلىقىنىڭ بۇ كونا تۈزۈمىگە ۋارىسلىق قىلغان. لى خاندانلىقىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىپ كونىلىق تەرەپدارلىرى بىلەن مەرىپەتچىلەر (ئۆلىما) دىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە، مەرىپەتچىلەر يەنە شەرقچىلەر، غەربچىلەردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇھقا، بۇ ئىككىسى تېخىمۇ بۆلۈنۈپ، جەنۇبلۇقلار، شىماللىقلار، ئاقساقاللار، تالىپلاردىن ئىبارەت تۆت گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ، گۇرۇھلار كۈرىشى ئۈزۈلمەي داۋام قىلىپ تۇرغان. ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە ئېزىشى دائىم مۆمىن پۇقرالار بىلەن قارا خەلقلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. لى خاندانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى پەيدىنپەي زاۋاللىققا يۈزلەنگەن. 1894 - يىلى جياۋۇ ئىسلاھاتىدا ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىمتىيازىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان؛ بىراق ئەمەلىي ئۈنۈم كۆرۈلمىگەن. تاكى لى خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغىچە داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.