Uyghur←Chinese主要词典
لېياڭجې
دۇنيا تارىخى
梁吉
liáng jí
چاۋشيەن سىللانىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيىسى. مىلادى 889 - يىلى (ئايال پادىشاھ جېنشېننىڭ 3 - يىلى) سىللانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغان، ئۇ بېييۇەن شياۋجىڭ (جياڭيۇەنداۋ ئۆلكىسىنىڭ يۇەنجۇ ئوبلاستىدا) قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىغا رەھبەرلىك قىلغان. 892 - يىلى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. راھىپ گوڭيىغا ئىشىنىپ، ئۇنى ئەسكەر باشلاپ لۇيجۇ ناھىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغان. گوڭيىنىڭ كۈچى كېڭىيىپ، 897 - يىلى (شياۋگوڭۋاڭنىڭ 1 - يىلى) لياڭجېدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئالدىغا تۇغ تىكلەپ، سوڭياۋ (ھازىرقى كەيچېڭ) شەھىرىگە يۆتكەپ كەتكەن. لياڭجې ئەسكەر باشلاپ گويۈەن (جوڭچىڭ بېيداۋ ئۆلكىسىنىڭ جوڭجۇۋ ئوبلاستىدا)قاتارلىق 30 نەچچە شەھەرنى تارتىۋالغان، 899 - يىلى گوڭيىغا ھۇجۇم قىلىپ، پېياۋچېڭ شەھىرىدە سوقۇشقان، ئاخىرىدا مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن.