Chinese→Uyghur主要词典
里
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
لى
لى - ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىك نامى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ قوللىنىلغان ۋە بىرلى 180 جاڭغا تەڭ قىلىپ قوللىنىلغان. 1928 - يىلى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى دەۋرىگە كەلگەندە بىر لى 150 جاڭغا تەڭ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بىر چى 3 / 1 مېترغا تەڭ بولغانلىقتىن بىر لى توپ توغرا 500 مېترغا تەڭ قىلىنىپ ھازىرغا قەدەر دېھقانلار ئارىسىدا بازار سىستېمىسىدىكى بىرلىك قىلىپ قوللىنىلىپ كەلمەكتە.
بۇ ئۆلچەم بىرلىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى <چاقىرىم> غا توغرا كېلىدۇ.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
يول
يول - شىنجاڭنىڭ قەدىمكى يول - مۇساپە ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، تۇرپان، قۇمۇللاردا ھازىرغا قەدەر قوللىنىلىپ، كەلمەكتە. پېشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە، بىر يول 300 غۇلاچقا باراۋەر كېلىدىكەن. غۇلاچ بىر خىل ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بولۇپ، بىر غۇلاچ 1.66 مېترغا تەڭ كېلىدۇ. مۇشۇ بويىچە <يول> نى مېترغا سۇندۇرساق، بىر يول تەخمىنەن 500 مېترغا تەڭ كېلىدۇ. ئىچكى جايلاردا قوللىنىلىپ كەلگەن <لى> (里) مۇ 500 مېترغا تەڭ.
ئۇنىۋېرسال
lǐ
ئەستەر، ئەستەرلىك
ئىچ، ئىچكى، ئىچكىرى
ۋاقىت، مەزگىل
قوشنا، كوچا
مەھەللە
يۇرت، ماكان
كەسىپ ئەھلى، كەسىپكە پىشقان
لى )قەدىمكى مەمۇرى بىرلىك بولۇ پ، ئوخشىمىغان دەۋرلەردە 25 تۈتۈن، 50 تۈتۈن، 72 تۈتۈن، 80 تۈتۈن، 100 تۈتۈن، 110 تۈتۈن بىر لى دەپ ئاتالغان(
چاقىرىم؛ يول
خەن سۇلالىسى دەۋرىدە جەنۇبتىكى ئاز سانلىق مىللەت نامى
理 بىلەن ئوخشاش
{12} شىمال شېۋىسىدە كۆپلۈك قوشۇمچىسى 们 بىلەن ئوخشاش
{13} ئولتۇراقلاشماق، تۇرماق، ئىستىقامەت قىلماق
{14} ھېسابلىماق
{15} 哩 بىلەن ئوخشاش
{16} لى )فامىلە(Dقانۇن
lǐ
تۈتۈنDماتېماتىكا
lǐ
چاقىرىمDتارىخ
lǐ
چاقىرىمDتارىخ
lǐ
تۈتۈن، بىر تۈتۈن
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
چاقىرىم
چاقىرىم - شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، پىشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە بامدات نامىزىغا توۋلانغان ئەزان ئاۋازى يېتىدىغان ئارىلىق بىر چاقىرىم بولىدىكەن.
بۇرھان شەھىدى تۈزگەن ئۈچ تىللىق لۇغەتتە <چاقىرىم> - رۇسلارنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى <ۋىرىستا> بىلەن ئوخشاش دېيىلگەن. بىر ۋىرىستا 1.068 كىلومېتىر كېلىدۇ. «قەشقەرىيە» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەن <چاقىرىم> بۇنىڭ يېرىمىغىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. كروپاتكىننىڭ ئېيتىشىچە چاقىرىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى 200 ساژىن (روسىيە جاڭى) بولۇپ، تەخمىنەن 426.8 مېتر كېلىدىكەن. چى سىستېمىسى بويىچە بولغاندا، بىر چاقىرىم 1800 چى بولۇپ، تەخمىنەن 576 مېترغا تەڭ كېلىدىكەن. بۇلارنى سېلىشتۇرغاندا پەرق بەك چوڭ. شۇڭا، بۇلار مۆلچەر سان بولۇشى مۇمكىن.
<ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى> دە: چاقىرىم - مېتر سىستېمىسى قوبۇل قىلىنغىنىغا قەدەر قوللىنىلغان يەرلىك ئۆلچەم بىرلىكى. بىر چاقىرىم ئۇزۇنلۇق 1.06 كىلومېترغا تەڭ كېلىدۇ< دەپ كۆرسىتىلگەن.