Uyghur主要词典
لەززەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەملىك، شىرنىلىك؛ ھۇزۇر - ھالاۋەت:
يار ۋەسلىن ئىزدەسەڭ قويغىل بۇ ئالەم لەززەتىن،
رەنجى چەكمەي گەنج تاپماي كىم سەفا بولدى دەرىخ.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رازى بولماق؛ خۇشاللىق؛ لەززەت، مەزە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنىڭ تىل بىلەن تېتىشتىن چىققان خۇسۇسىيىتى.
تاتق يوق تائام، سۈتى يوق كالام. ئاشپەز ئىككى بولسا ئاشنىڭ تەمى تېتىماس. تەمى بولمسا، تەردىن كەلمىگەن. تېتىماق تاتقىنى بىلگىلى بولماس. ئالدىرغاننىڭ بۇرنى قانار، ئالدىرمىغان لەززەت ئالار. تېتىقى تاشقاندا چىقىدۇ. ئۈلپىتى چار، ئۇنىڭدا مەززە بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تەم، مەززە.
تاماقنىڭ لەززىتى. ھۆرمەت قىلساڭ ئىززەت كۆرىسەن، چايناپ يېسەڭ لەززەت كۆرىسەن.
ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسى، ھۇزۇر، زوق.
بىر مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ تازا لەززىتىنى سۈرۈۋاتقان ۋاقتىمىزدا بىردىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدۇق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تاتلىق، تاتلىقلىق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
شېرىن، يېقىملىق قىز ياكى ھاياتى ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك بولسۇن، دېگەن مەنىدە.