Uyghur主要词典
لەتىف
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
نازۇك، مۇلايىم؛ گۈزەل، كېلىشكەن؛ نەپىس؛ يېقىملىق؛ پاكىز، پاك - غۇبارسىز:
ھەجرىدىن يەتتە ئاتايى نالەسى كۆككە نە ئەيب،
چۇن تاپىلماس دۇنيادا ئول ماھى يەكەردى لەتىف.
ئاتايى.
بېرىپ ئىككىسىگە ياكى جامەلەر،
غىزايى لەتىف خورۇ ئاشامەلەر،
ئا. نىزارى،ن . زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۇمشاق؛ گۈزەل، مۇلايىم، كېلىشكەن، يېقىملىق، نازۇك.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
مۇلايىم، پاك، پاكىزە؛ خۇشخۇي ياكى رەھىمدىل، مېھرىبان. لەتىف ئاللانىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى.