Uyghur主要词典
لەش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆل - كۆلچەكلەردە ئۇزاق ۋاقىت تارزىلىمىغانلىقتىن ئۆسكەن، يىغىلىپ قالغان چاۋار - چاتقاللار.
كۆلنىڭ لېشىنى تازلىغاننىڭ بېلىقى تۈگىمەس. بىر پاقا پۈتۈن كۆلنى لاتقا قىلار.
بىئولوگىيە
لەش ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق سۇدا لەيلەپ ياشايدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، يىلتىزسىمان غولى يەر باغىرلاپ ئۆسىدۇ. غولى يومشاق، ئىنچىكە ئۇزۇن بولىدۇ. سۇدا لەيلەيدىغان يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈل رېتى ئاستىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى كەڭ تۆمۈنە شەكىللىكتىن تۇخۇمسىمان ئېللىپىس شەكىللىككىچە بولىدۇ؛ سۇغا چۆكۈپ تۇرىدىغان يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۆمۈنە شەكىللىك ياكى يىپسىمان تۆمۈنە شەكىللىك، سېپى سۇدا لەيلەيدىغان يوپۇرماقنىڭكىدىن قىسقا بولىدۇ. باشاقسىمان گۈل رېتى سۇدا لەيلەيدىغان يوپۇرماقنىڭ قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، سارغۇچ يېشىل كىچىك گۈللەردىن تۈزۈلىدۇ. كىچىك قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى كەڭ تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، قورساق قىسمى تۈز، دۈمبە تەرىپى ئۈچ قىرلىق، ئىككى يېنى يۇمىلاق، تۈۋىدە ئىككى تال ئۆسۈكچە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە بولىدۇ، چاۋشيەن ياپونىيىدىمۇ بولىدۇ. كۆلچەك، سازلىق ۋە شال ئېتىزلىرىدا ئۆسىدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى يېشىل ئوغۇت قىلىنىدۇ؛ بۇ شال ئېتىزلىرىغا كەڭ كۆلەمدە زىيان يەتكۈزىدىغان ياۋا ئوت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
لەش ئائىلىسىدىكى سۇدا ياشايدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئادەتتە كۆل، كۆلچەك قاتارلىق توختام سۇلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، يوپۇرمىقى لەيلىگۈچى يوپۇرماق ۋە سۇغا چۆككۈچى يوپۇرماق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ، تۈۋىدە تەگ يوپۇرمىقى بولىدۇ. گۈلى كىچىك، گۈل رېتى باشاقسىمان كېلىدۇ لەشنىڭ شىنجاڭدا 15 خىل تۈرى بار.