Uyghur主要词典
لەنشەن قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ۋيېتنامدا جۇڭگو مىڭ سۇلالىسىنىڭ فېئوداللق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پارتلىغان قوزغىلاڭ. 1418-يىلى لى لىنىڭ رەھبەرلىكىدە لەنشەن يېزىسى(ھازىرقى چىڭخۇا ئۆلكىسىنىڭ شۇ چۇنشىيەن ناھىيىسىدە)دىن باشلانغان. لى لى ئۆزىنى تىنچىتقۇچى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، جايلارغا يارلىق چىقىرىپ، مىڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇپ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرغان. ھەرقايسى قاتلام، ھەر مىللەت خەلقى قوزغىلاڭغا ئارقائارقىدىن قاتنىشىپ، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تېز كۆپىيىپ نەچچەيۈز مىڭغا يەتكەن. ئون يىل ئۇرۇشۇپ،1427-يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى يېڭىپ، ۋيېتنامدىن چېكىنىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. 1428-يىلى لى لى كېيىنكى لى سۇلالىسىنى قۇرغان.