Chinese→Uyghur主要词典
勒克瑙保卫战
دۇنيا تارىخى
لاكنوۋنى قوغداش ئۇرۇشى
1857 - يىلدىكى ھىندىستان مىللىي چوڭ قوزغىلىڭىدا قوزغىلاڭچى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ ئودېنىڭ مەركىزى لاكنوۋنى قوغداش جېڭى. 1857 - يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى لاكنوۋدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، قوزغىلاڭ ئودېدىكى ئالتە ۋىلايەتكە كېڭەيگەن. ئۇزاق ئۆتمەي قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى لاكنوۋنى ئىشغال قىلغان. 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن، دېھلى ۋە كانپۇرنىڭ ئىلگىرى - كېيىن قولدىن كېتىشى بىلەن قوزغىلاڭنىڭ مەركىزى لاكنوۋغا يۆتكەلگەن، بۇ يەرگە 50 مىڭ كىشىلىك قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى يىغىلىپ، ئەنگلىيە قوشۇنىنى بىر نەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلغان. 1858 - يىل 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئەنگلىيە ئارميىسى 90 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ بىلەن كەڭ تۈردە ھۇجۇم قىلغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى دۈشمەن بىلەن قانلىق جەڭ قىلغان. 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە بولغان توققۇز كۈن ئىچىدە، دۈشمەننىڭ سانسىزلىغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن. 14 - كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ باش شتابى تۇرۇۋاتقان كائېسابا خان سارىيىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئالغان. 19 - كۈنى ئەنگلىيە قوشۇنى پۈتۈن شەھەرنى ئىشغال قىلغان. 21 - كۈنى قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ قالدۇق قىسمى روھىلكاندقا يۆتكەلگەن.