Chinese→Uyghur主要词典
类胸膜肺炎微生物
بىئولوگىيە
كۆكرەك پەردە ئۆپكە ياللۇغى باكتېرىيىسى تۈرىدىكى مىكرو ئورگانىزم
ئەڭ بۇرۇن يۇقۇملۇق كۆكرەك پەردە ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كالىيىدىن ئايرىۋېلىنغان بىر خىل بىئولوگىيىلىك شەكلى بىر قەدەر ئۆزگىچە بولغان مىكرو ئورگانىزم. كېيىن ئۇ ئادەم، قوي، ئات، چوشقا، ئىت، مۈشۈك، توخۇ، ئۆردەك قاتارلىق ئۆي ھايۋان ئۆي قۇشلىرىدا، چوڭ چاشقان، كىچىك چاشقان، دېڭىز چوشقىسى قاتارلىق تەجرىبە ھايۋانلىرىدا ھەمدە پاسكىنا سۇ، تۇپراق، ئۆستۈرۈلگەن توقۇلما ۋە ئۆسۈملۈكلەردە ئۆزلۈكسىز تۈردە بولىدىغانلىقى بايقالدى. ئۇ گەرچە كۆكرەك پەردە ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىكىنى قوزغىمىسىمۇ، لېكىن شەكلى، ئۆستۈرۈش ئالاھىدىلىكى جەھەتلەردە كۆكرەك پەردە ئۆپكە ياللۇغى مىكرو ئورگانىزمغا ئىنتايىن ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا كۆكرەك پەردە ئۆپكە ياللۇغى باكتېرىيىسى تۈرىدىكى مىكرو ئورگانىزم دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭغا 1967 - يىلى مىكوپلازما دەپ رەسىمىي نام بېرىلدى (<مىكوپلازما> غا قاراڭ).
ئۇنىۋېرسال
lèi xiōng mó fèi yán wēi shēng wù
كۆكرەك پەردە ئۆپكە ياللۇغى تۈرىدىكى كېسەللەرنى قوزغىغۇچى مىكروئورگانىزملار