Uyghur←Chinese主要词典
لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەر
بىئولوگىيە
浮游植物
fúyóuzhíwù
سۇدا لەيلەپ ياشايدىغان مىكرو تەنلىك يۈسۈن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەردۇر. لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەر كۆپىنچە سۇ يۈزىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە تارقىلىدۇ، تېنى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، پەقەت مىكروسكوپ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدۇ، ئىنتايىن تېز كۆپىيىدۇ، تاتلىق سۇدا ياشايدىغان لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەر ئاساسەن يېشىل، كۆك يۈسۈنلەر ۋە كرېمنىيلىق يۈسۈنلەردىن ئىبارەت. دېڭىز سۈيىدە ئاساسەن كرېمنىيلىق يۈسۈنلەر بىلەن قاسىراقلىق يۈسۈنلەر ياشايدۇ. لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەر سۇدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئوزۇقلۇقى بولۇپ، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى بېقىپ كۆپەيتىشتە بەلگىلىك ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە. لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىشى ئەۋجىگە چىققاندا سۇنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، بېلىق كۆلچەكلىرىدىكى <سۇ چېچىكى>. لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن لەيلىگۈچى ھايۋانلار لەيلىگۈچى جانلىقلار دەپ ئاتىلىدۇ.
گىئولوگىيە
浮游植物
fú yóu zhí wù