Uyghur主要词典
لى دىڭخۇەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى مۇددەرىس. شىنىڭلىق. خۇيزۇ. كىچىكىدە مەدرىسىدە ئوقۇدى. سەل چوڭ بولغاندا ئۇستازى بىلەن گەنجۇدا مەكتەپ ئاچتى. ئىككى يىلدىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. كېيىن خېجۇغا بېرىپ، ئىسلام دىنىدىن بىلىم تەھسىل قىلىپ، يۇرتىغا قايتىپ بېرىپ مەكتەپ ئېچىپ، شاگىرت تەربىيىلىدى. تەكلىپكە بىنائەن لۇجۇغا بېرىپ دەرس ئۆتتى. بىلىمى مول، نەتىجىسى چوڭ بولغانلىقتىن ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ماختاشقا سازاۋەر بولدى. چاڭ جىمېي، ماجۇنشى، مامىنلۇڭلار بىلەن بىر قاتاردىكى ئۆلىما ھېسابلاندى.