Chinese→Uyghur主要词典
拉佐
دۇنيا تارىخى
لازو
(1894 - 1920) سوۋېت ئىتتپاقى قەھرىمانى. ياش ۋاقتىدا موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1916 - يىلى ھەربىي سەپكە قوبۇل قىلىنغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلدە، كىراسنويارسكىدا ئەسكەرلەر ۋە قىزىل گۋاردىيىچىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ، ئىركۇتىسكىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭنى باستۇرغان. 1918 - يىلى بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، تاشقى بايقال ئۇرۇش سېپىنىڭ قوماندانى بولغان. ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلدە، روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىكلار) يىراق شەرق بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى ۋە يىراق شەرق ئىنقىلابىنى ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. شۇ يىلى 4 - ئايدا ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قوراللىق مۇداخىلىچىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان، لازو ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى دەپ ئېتراپ قىلىنغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
lā zuǒ
رازو
拉佐〈佛〉
lā zuǒ
رازو