Uyghur主要词典
لائوكون ھەيكەللىرى
دۇنيا تارىخى
يەنى <لائوكون ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆلۇمى>.يۇناننىڭ ئالەمشۇمۇل ئويما ئەسىرى.قەدىمكى يۇنان ئەپسانىيلىرىغا ئاساسلانغاندا لائوكون ترويا شەھىرى (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىرغىقى )دىكى خۇدا ئاپوللون(ياكى خۇدا پوسېيدون ) نىڭ كاھىنى ئىكەن. <ترويا ئۇرۇشى > ئاياغلىشاي دېگەندە، ئۇ ترويالىقلارنى يۇنانلىقلارنىڭ <ياغاچ ئات ھىيلىسى> دىن پەخەس بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپتۇ؛ بۇ ئىشتىن تەڭرى غەزەپلىنىپ ئۇنى جازالاپ، ئۇنى ئىككى ئوغلى بىلەن بىللە بوغما يىلانغا چىرمىتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. قەدىمكى زاماندىكى يازغۇچىلار بۇ ۋەقەنى تېما قىلىپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا رودېس ئارىلىدىكى ھەيكەلتىراش ئاەېساندېر بىلەن پولىدورۇ، ئاتىنودورۇ بىرلىكتە ياساپ پۈتتۈرگەن <لائوكۇن ھەيكەللىرى> (مەرمەر تاشتىن ياسالغان ئەسەر)دە لائوكوننىڭ نەزىر - چىراغ سۇپىسىدا ئىككى ئوغلى بىلەن بوغما يىلاننىڭ ئازابلىشىغا ئۇچرىغانلىقى ھەمدە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئەھۋالى چوڭقۇر ئىپادىلەنگەن؛ ئۇ ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتى تارىخىدكى مەشھۇر ئەسەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. 1506 - يىلى رىمدىكى ئېسكۇيلىن تۆپىلىكىدىن تېپىلغان (ئوڭ جەينىكىنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى كېيىنكىلەر تۈزۈشتۈرگەن). ھازىر ۋاتىكان گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ساقلانماقتا.