Chinese→Uyghur主要词典
拉瓦品第和约
دۇنيا تارىخى
راۋالپىندى سۈلھ شەرتنامىسى
ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان شەرتنامە. ئۈچىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە - ئافغانىستان ئۇرۇشى ئاياغالاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ 1919-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى باشلاپ، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئافغانىستان ۋەكىلى ئەلى ئەخمەد شاھخان بىلەن ئەنگلىيە ۋەكىلى خامىلتون گرانت سېر ھىندىستاندىكى راۋالپىندى (ھازىر پاكىستانغا قاراشلىق) دا ئىمزالىغان ئافغانىستان بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈلھ شەرتنامە (ۋاقىتلىق كېلىشىم). جەمئىي بەش ماددا بولۇپ، ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: ئەنگلىيە ئافغانىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ؛ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى بىلەن ئەنگلىيە بەلگىلىگەن ئافغانىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا پاسىلىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.