Uyghur主要词典
لاۋرېنسىنىيە مىللىي ئاساسىي قانۇن تۈزۈش قەھۋاخانىسى
دۇنيا تارىخى
تولۇق ئاتىلىشى ۋەتەنپەرۋەلەر جەمئىيىتى، لاۋرېنسىنىيە مىللىي ئاساسىي قانۇن تۈزش قەھۋاخانىسى. 1820 - 1823 - يىللاردىكى ئىسپانىيە ئىنقىلابىدا بارلىققا كەلگەن پايتەخت مەركىزى كۇلۇبى. ئەينى زاماندىكى مەملىكەت بويىچە نۇرغۇنلىغان ئىنقىلابىي كۇلۇبلار ئىچىدە رەھبەرلىك رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۆز ئىچىگە سول قانات لىبېراللار بىلەن ئىنقىلابچىلار ۋە ئوڭ قانات سىياسەتۋازلارنى ئالغان. ئۇلار قەرەللىك يىغىن چاقىرىپ، زور سىياسىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقان. ئۇلارنىڭ چىقارغان قارارلىرى ھامان ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشكە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. <ئىسپانىيە تاڭ نۇرى گېزىتى> ناملىق ئورگان گېزىتى چىقارغان.