Uyghur主要词典
لاۋوسېر
دۇنيا تارىخى
(1743-1794)فرانسىيىلىك خىمىك، يېقىنقى زامان خىمىيىسىنىڭ ئاساسچىس. ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1768-يىلى خانلىق تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە كىرگەن. باجنى كۆتۈرە ئالغۇچى، مىلتىق دورىسى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇدىرى، مالىيە ھەيئىتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ياكوبىنچىلار دىكتاتۇرىسى دەۋرىدە مارات قاتارلىقلارنىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان. 1793-يىل 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. ئۇنىڭ تەلىماتى يانغۇچى ماددا توغرىسىدىكى تەلىماتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ۋە يېقىنقى زامان خىمىيىسىنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. <خىمىيە ئاساسلىرى> ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.