Uyghur主要词典
لاتېران دىنىي يىغىنى
دۇنيا تارىخى
رىم پاپاسى گرىگورىي Ⅶ مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى ھىنرىخ Ⅳ بىلەن ئېپىسكوپ تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىش كۈرىشىدە، 1076 - يىلى رىمدىكى لاتېران چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن دىنىي يىغىن. يىغىنغا فرانسىيە ۋە ئىتالىيە ئېپىسكوپلىرى قاتناشقان. يىغىندا ھېنرىخ Ⅳ نىڭ دىن تەۋەلىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى جاكارلانغان ھەمدە ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورنى بىكار قىلىنغان. 1123، 1139، 1179، 1215 - ۋە 1512 - 1517 - يىللىرى كاتولىك چېركاۋى لاتېران چېركاۋىدا بەش قېتىم دۇنياۋى خاراكتىرلىك ئېپىسكوپلار يىغىنى ئۆتكۈزگەن.