Chinese→Uyghur主要词典
拉斯科洞窟壁画
دۇنيا تارىخى
لاسكا ئۆڭكۈرىدىكى تام رەسىملىرى
ياۋرۇپا كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئۆڭكۈر تام رەسىملىرى، ئورنى فررانسىيىنىڭ غەرب جەنۇبىدىكى بېلگا ئۆلكىسىنىڭ دوردوگن دېگەن يېرىگە جايلاشقان مونتېنك كەنتىنىڭ جەنۇبىدىكى لاسكا ئۆڭكۈرىدە. 1940 - يىلى تېپىلغان. پۈتۈن ئۆڭكۈر ئاساسىي ئۆڭكۈر، ئارقا ئۆڭكۈر، يان ئۆڭكۈردىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا ۋە ئۈچ قىسىمنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كارىدورغا بۆلۈنگەن. ئۆڭكۈرنىڭ قىيا تاملىرىغا كۆپلىەەن رەسىملەر سىزىلغان. ئۆڭكۈر تاملىرىدىن تەپچىپ چىققان ھاك تېشى كرستالى خۇددى رەسىملەرنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت سۈزۈك بوياق سۈرگەندەك بولغاچقا، رەسىملەر ئىنتايىن ياخشى ساقلانغان. تەخمىنەن 100 نەچچە پارچە رەسىم بولۇپ، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاشمايدۇ، چوڭلىرى 5.5 مېتىر، كىچىكلىرى بىر مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. رەسىملەر ئىچىدە ئاتنىڭ رەسىمى ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭدىن قالسا كال، كۆندۈرۈلگەن بۇغا، كەركىدان، ئۆڭكۈر ئېيىقى، بۆرە، قۇش قاتارلىقلار بار ھەم قىياسەن ھايۋان ۋە ئادەم رەسىملىرى بار. رەسىملەرنىڭ كۆپى توم سىزىقلىق ئومۇمىي كۆرۈنۈشلۈك ۋە قىيا سۈرەتلىك بولغان، يەنى قارا سىزىقلىق ئومۇمىي كۆرۈنۈشنىڭ ئىچىدە قىزىل، قارا، بېغىر رەڭلەر ئىشلىتىلىپ ھايۋاناتلارنىڭ ھەجمى ۋە ئېغىرلىقى بېزەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئوبرازى جانلىق، رەڭلىرى ئېنىق، ئىنتايىن تېتىك قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆڭكۈر ئەسۋابلار بىلەن سىزىلغان ئاز بولمىغان ئويما رەسىملەرمۇ بار. بۇ رەسىملەر ماگدالىن مەدەنىيىتى دەۋرىدە سىزىلغان بولۇپ، ئىنفرا نۇرىدە سۈرەتكە ئېلىشنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئۇنى تۆت دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. يان ئۆڭكۈردىن قېزىۋېلىنغان ياغاچ كۆمۈر كاربون - 14 ئارقىلىق ئۇنىڭ ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقى 15517± 900 يىل قىلىپ ئۆلچەپ بېكىتىلگەن. بۇ رەسىملەر بۇنىڭدىن 15 مىڭ يىل ئىلگىرى ئۆڭكۈردە ياشىغان ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ كونا تاش قورال دەۋرىدىكى ئىنسانلارنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.