Chinese→Uyghur主要词典
拉萨利
دۇنيا تارىخى
لاززارى
(1857 - 1927) ئىتالىيە ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ياش ۋاقتىدا مەتبەئە ئىشچىسى ۋە گەزلىمە ساتقۇچى بولغان. 1871 - يىلدىن باشلاپ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1882 - يىلى ئىتالىيە مېھنەتكەشلەر پارتىيىسىگە كىرگەن. 1890 - يىلى بۇ پارتىيىنى ئىتالىيە ئىشچىلار پارتىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش خىزمىتىگە قاتناشقان. 1892 - يىلى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنى بەرپا قىلىشقا قاتناشقان. 1912 - 1919 - يىللىرى پارتىيىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى پارتىيە ئىچىدىكى كۈرەش كۈنسايىن كەسكىنلەشكەندە، سول قانات رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. لېنىننىڭ خەلقئارادا رىۋىزىئونىزمغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، پارتىيە ئىچىدىكى ئىسلاھاتچىلارغا قارشى كۈرەشنى پائال قانات ياريدۇرغان. ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرىدىكىلەرنىڭ مەۋقەسىگە ئېغىپ كەتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پاتلىغاندا، <ھەم قوللىماسلىق، ھەم توسالغۇ بولماسلىق>تىن ئىبارەت تىنچلىقپەرەسلىك شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ رەسمىي ھەرىكەت پروگراممىسى قىلغان. 1915 - يىلى سىممېرۋالد ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتناشقان. 1916 - يىلى كىنتال ۋەكىللەر يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇرۇشنى كېيىن ئىتالىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قاتنىشىنى قوللىغان، لېكىن ھاكىمىيەتنى زورلۇق كۈچى بىلەن تارتىۋېلىشقا قارشى تۇرغان. 9191 - 1926 - يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. فاشىستلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، فاشىسزمغا قارشى كۈرەشكە پائال قاتناشقان.