Chinese→Uyghur主要词典
拉齐
دۇنيا تارىخى
رازى
(865 - 925) ياۋروپالىقلار ئۇنى رازېس دەپ ئاتايدۇ. مەشھۇر ئەرەب تېببىي ئالىمى، پەيلاسوپى، خىمىكى. راي (ھازىرقى ئىراننىڭ تېھران شەھىرى ئەتراپى) دا تۇغۇلغان. راي ۋە باغداد شىپاخانىسىنىڭ بالشىقى بولغان. <تىبابەتچىلىك قوللانمىسى>، <مەخپىي رېتسېپ> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. تىبابەتچىلىك قوللانمىسى< مەزمۇنى مول تىبابەتچىلىك قامۇسى بولۇپ، قەدىمكى يۇنان، پېرسىيە، ھىندىستان ۋە ئەرەبەرنىڭ تىبابەتچىلىك بىلىملىرى يەكۈنلەنگەن. ⅩⅡ ئەسىردە لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ دەرسلىكى قىلىنىپ بىر نەچچە ئەسىر ئىشلىتىلگەن. >مەخپىي رېتسېپ< خىمىيىگە ئائىت ئەسەر بولۇپ، ⅩⅡ ئەسىردە لاتىن تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن غەربىي ياۋروپاغا كەڭ تارقالغان. تاشقى كېسەللىكلەر، ئىچكى كېسەللىكلەر ۋە تۇغۇت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە قاراشلىرى بار. ئۇنىڭ >چېچەك ۋە قىزىل< توغرىسىدا يازغان ماقالىسى - چېچەك توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى مەخسۇس ماقالا ھېسابلىنىدۇ.