Uyghur主要词典
لاپقۇت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايتۇرۇش شەرتى بىلەن بېرىلگەن - ئېلىنغان نەرسە.
«لاپقۇت» ئىش - ئەمگەك ئۈستىدىكى ئېلىم - بېرىم.
«نېسى» ھەققىنى نەق ئالماي، قەرز قالدۇرۇشقا ئېيتىلىدۇ.
بۆرە قەرزىنى تېرىسى بىلەن تۆلەر. قەرزى يوق گاداي شاھزادىن ئازادە. بۇ جاھان - ئۆتنە جاھان. ئاش - ئۆتنە، ئىش - لاپقۇت، ئۆتۈككە ئاپقۇت. شىر چىشىنى ئارىيەت بەرمەس. يېڭىسىنى ئارىيەت ئالغاندىن كونىسىنى يۇغان ئەلا. نېسى ساتقاننىڭ ھالى خاراب، قالىدۇ قۇرۇق دەپتەرگە قاراپ. نېسى يېمە گۆشنى، ئاغرىتىدۇ تۆشنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىككى ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ئۆزلىرىدە بار ئوخشاش نەرسىلەرنى نۆۋەت بىلەن ئىشلىتىش ئىشى ۋە شۇنداق يول بىلەن بېرىلگەن ئۆتنە، ئارىيەت.
لاپقۇتقا ئالماق.