Uyghur←Chinese主要词典
لاپلاتا قوشما شتاتى
دۇنيا تارىخى
拉普拉塔联邦
lā pǔ lā tǎ lián bāng
يەنى بىر تەرجىمىسى لاپلاتا بىرلەشمە ئۆلكىسى ياكى جەنۇبىي ئامېرىكا بىرلەشمە ئۆلكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارگېنتىنا مۇستەقىللىك ئۇرۇشى دەۋرىدە قۇرۇلغان تەشكىلات تەشكىلىي شەكلى. 1810 - يىلى كونا ئەنئەن بويىچە لاپلاتا باش ۋلىيسىغا قاراشلىق رايون دائىرىسىدە قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان، ئارگېنتىنا، پاراگۋاي، ئۇرۇگۋاي ۋە بولىۋىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1816 - يىلى تۇكۇماندا چاقىرىلغان مىللىي پارلامېنتا ئۇنىڭغا <لاپلاتا قوشما شتاتى> دەپ نام بېرىلگەن ھەمدە ئىسپانىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان. بۇئېنوس ئايرىس پايتەخت قىلىنغان. 1819 - يىلى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلغان. كېيىن پاراگۋاي، ئۇراگۋاي، بولىۋىيە ئايرىم - ئايرىم ئۆز ئالدىغا دۆلەت قۇرغان.