Chinese→Uyghur主要词典
劳林逊
دۇنيا تارىخى
راۋلىنسون
(1812 - 1902) ئەنگلىيىلىك شەرقشۇناس ۋە تارىخشۇناس. دەسلەپ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1840-يىلى مۆتىۋەللى بولغان ھەمدە ئېكسېتېر ئىنىستىتۇتى باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1845-يىلى مۇئاۋىن مۇدىر بولغان 1859-يىلى بامپتون لېكسىيىسىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 1861-يىلى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كامدېن قەدىمكى زامان تارىخى لېكىيىسى پروفېسسورى بولغان. ئۇنىڭ قەدىمكى زامان شەرق دۆلەتلىرى تارىخى ۋە <ئىنجىل> تەتقىقاتىغا دائىر كۆپ خىل ئەسەرلىرى بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرى: <قەدىمكى شەرقتىكى بەش چوڭ پادىشاھلىق>، <مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ئۆتكەن دەۋرى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن باشقا ئاكىسى ھېنرى كرېسىۋىك راۋالىنسون (1810 - 1895) بىلەن، قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى ھېرودوتنىڭ <تارىخ> ناملىق ئەسىرىنى ئىزاھلاپ چىققان ھەمدە بۇ كىتابنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان.
تارىخ
láo lín xùn
راۋلىنسون