Chinese→Uyghur主要词典
兰加斯特王朝
دۇنيا تارىخى
لانكاستېر خاندانلىقى
ئەنگلىيەدىكى فېئودال خاندانلىق (1399 - 1461). لانكاستېر گېرتسوگى جون گونت (1340 - 1399) نىڭ ئوغلى ھېنرىخ Ⅳ قۇرغان. ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە 1415 - يىلى يۈز يىللىق ئۇرۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ 1450 - يىلى جېك كېدا قوزغىلىڭى پارتلىغان؛ 1453 - يىلى يۈز يىللىق ئۇرۇش ئەنگلىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىپ، ئەنگلىيە، فرانسىيىدىكى كالې پورتىدىن باشقا پۈتكۈل زېمىندىن ئايرىلىپ قالغان. كېيىن ئەتىرگۈل ئۇرۇشى (1455 - 1485) دا يۈرك سۇلالىسى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. لانكاستېر خاندانلىقىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كورۇل ۋە ئۇلارنىڭ تەختتە ئولتۇرغان يىللىرى تۆۋەندىكىچە؛ ھېنرىخ Ⅳ (1399 - 1413)، ھېنرىخ Ⅴ (1413 - 1422)، ھېنرىخ Ⅵ (1422 - 4611).