Chinese→Uyghur主要词典
狼牙修国
دۇنيا تارىخى
لانكاسۇكا
خەنزۇچىدە (迦戊,凌牙斯加,棱伽修,龙牙屡角狼牙须,朗) دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. مالاي يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى پاتتانى ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا بۇ دۆلەت مالاي يېرىم ئارىلىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شەرقىي سوڭكالاغىچە، غەربىي جىداغىچە سوزۇلغان، دېگەن قاراشمۇ بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ دۆلەت مىلادى Ⅱ ئەسىردە قۇرۇلغان. بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 515 - يىلى (لياڭ سۇلالىسىنىڭ تيەنجيەن 14 - يىلى)، ئۇنىڭ پادىشاھى باگادادۇ جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن. شەرق بىەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ مۇھىم ئۆتىڭى بولغان. Ⅷ - ⅢⅩ ئەسىرلەردە سىرىۋىجايانىڭ تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. ⅣⅩ ئەسىردە مادجاپاخىتقا بويسۇنغان.