Chinese→Uyghur主要词典
拉美特利
دۇنيا تارىخى
لامېتترى
(1709 - 1751) فرانسۇز پەيلاسوپ. باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. دەسلەپتە تىنولوگىيە ئۆگەنگەن. كېيىن كەسپىنى ئۆزگەرتىپ دوختۇرلۇق قىلغان. ماتېرىيالىزمنى ۋە ئاتىئېزمنى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىشكە مەجبور بولغان، پرۇسسىيىدە ۋاپات بولغان. ئۇ دېكارتنىڭ فىزىكىسىدىكى ماتېرىيالىستىك ئىدىيىنى جارى قىلدۇرۇپ، ماددا بىردىنبىر ئەمەلىي مەۋجۇدىيەت ئىكەنلىكىنى، ماددا بىەن ھەرىكەتنىڭ ئايرىلمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەمدە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ روھ - ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتى، روھ تەندىن ئايرىلىپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، دەپ قارىغان. ئۇ كېسىپ: <ئادەم - ماشىنا>؛ ئىككى پۇتنىڭ مۇسكۇللىرىدا بولىدىغان مېخانىك ھەرىكەت ئادەمنى ماڭغۇزىدۇ، ئادەم مېڭىسىدىكى مېخانىك ھەرىكەت تەپەككۇرنى پەيدا قىلىدۇ دېگەن. بىلىش نەزەرىيىسى جەھەتتە لوكنىڭ تۇيغۇ نەزەرىيىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۇيغۇ جىمىكى بىلىشنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. لېكىن ئۇ بىلىش تاشقى شەيئىلەرگە نىسبەتەن پاسسىپ، بىۋاستە كۆزىتىش، مېخانىكىلىق ئىنكاستىن ئىبارەت دەپ قارىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <روھىنىڭ تەبىئىي تارىخى>، <ئادەم - ماشىنا>، <ئادەم - ئۆسۈملۈك>، <ھۇزۇرلىنىش سەنئىتى> قاتارلىقلار بار.